-
ياۋرۇپا سانلىق مەلۇماتى ھەققىدە چۈشەنچە "欧盘赔率 " - [لاتارىيە ماھارەتلىرى]
ياۋرۇپا سانلىق مەلۇماتى ھەققىدە چۈشەنچە "欧盘赔率 "
欧盘赔率 بۇنى نىمە دەپ ئىلىشنى بىلەلمەي ھازىرچە ياۋرۇپا سانلىق مەلۇماتى دەپ ئىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .تۆۋەندە بۇ توغرىلىق قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمىز .
ئادەتتە پۇتبول لاتارىيەسى ئوينايدىغان دوسلار ئۈچۈن بۇ چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك بىر مەزمۇن ،بەلكىم نۇرغن دوسلار بۇنى بىلىشى بەلكىم بىزدىنمۇ ئوبدان چۈشىنىشى مومكىن،شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم يىڭى باشلىغان ياكى باشلىماقچى بولغانلار ئۈچۈن قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق تاپتۇق .خاتا كەتكەن ،چۈشەنمىگەن يەرلىرى بولسا بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلارمىز .
ياۋرۇپا سانلىق مەلۇماتى[欧盘赔率 ]نى ئاددى بىر مىسال ئىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي ،
ئەگەر مىلاننىڭ ساھىپخان مەيداندابەيرىن بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقىسى بولسا ئۇ چاغدا ياۋرۇپا سانلىق مەلۇماتى مۇنداق بولىدۇ .
ساھىپخان كوماندا يىڭىشى :2.25 تەڭلىشىش 3.00 مىھمان كوماندا ئۇتىشى 3.00 ئەگەر سىز بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مىلاننىڭ ئۇتىشىغا1000يۇەن تىكسىڭىز "ئەسكەرتىش ئەمىلىيەتتە بۇنداق ئوينىمايمىز ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن شۇنداق ئالدىم " ئەگەر مىلان ئۇتسا سىز 1250يۇەن ئۇتالايسىز ، ئەگەر تەڭلىشىش ياكى بەيرىننىڭ ئۇتىشىغا تىكسىڭىز 2000يۇەن ئۇتالايسىز .
يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلار بوسەي شىركىتىنىڭ شۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى ھالىتى ،مەيدانغا چىقىدىغان ئاساسلىق سەپ شەكلى ،ئاغرىق،توختتىلغان ئەزالار ،ئىككى كوماندىنىڭ مىھمان ،ساھىپخان ھالەتتىكى تۇتىشىشى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن ھەر تەرەپلىمە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بىكىتىدۇ . يۇقارقى سانلىق مەلۇماتنى چىقىرىشتا ئۇلارنىڭ قوللىنىدىغان مۇندا بىر فورمىلاسى بار .
"A÷B=C-C10%=D" يۇقاردىكى فورمىلادىكى ھەرىپلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەرسەك . بۇيەردىكى Aبولسا 100%ئىھتىماللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .Bبولسا بوسەي شىركىتىنىڭ شۇ 100%ئىچىدىكى بەلگىلىگەن ئىھتىماللىقى،cبولسا a ÷bدىن كىلىپ چىققان نەتىجە .Dبولسا ئەڭ ئاخىرىدا بىكىتىلگەن نەتىجە .
مەسىلەن ئەگەر بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە بوسەي شىركىتى مىلاننىڭ ئۇتۇش نىسبىتىنى 40%دەپ قارىغان بولسا يۇقاردىكى سانلىق مەلۇماتنى مۇنداق ھىساپلاپ چىقىرىدۇ .
بىرىنجى قەدەمدە 100÷40=2.5"ئوڭدىن سولغا دەپ چۈشىنىڭلار "
ئىككىنجى قەدەمدە 2.5-0.25=2.25 "بۇيەردىكى 0.25بىز بايام دىگەن c10%يەنى 2.5نىڭ 10%"
دىمەك ئەڭ ئاخىرىدا بوسەي شىركىتىنىڭ بىكىتىدىغان نىسبىتى 2.25 بولىدۇ .
مۇشۇنداق بولغاندا بەيرىننىڭ ئۇتىشى ياكى ئىككى كوماندىنىڭ تەڭلىشىشىنىڭ ھەر بىرىنىڭ نىسبىتى 30%بولدى .يۇقارقى فورمىلادىن پايدىلىنىپ ھىساپلاپ چىقارساق بەيرىننىڭ ئۇتىشى ياكى تەڭلىشىشىگە بوسەي شىركىتى 3.00نىسبەت چىقىرىدۇ .
دىمەك يۇقارقى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىدە مىلاننىڭ ئۇتىشى 10\4ئۈلۈش ،ئىككى كوماندىنىڭ تەڭلىشىشى ياكى بەيرىننىڭ ئۇتىشى 10\3ئۈلۈش بولىدۇ .يۇقارقىنى قۇرۇق سانسىفىر ھەققىدە نىمىشقا توختىتىلىمىز دىگەندە بوسەي شىركىتى ئاۋمىندىكى بىر قىمار شىركىتى ،ئۇلار ھەرقىتىملىق مۇسابىقىدىن بۇرۇن ھەرتەرەپلىمە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق يۇقاردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەمىنلەيدۇ ، ئەلۋەتتە ئەگەر ئۇلار خاتا تەمىنلەپ قالسا شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇش ئىھتىماللىقى بار شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇلار ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى بىزگە تەمىنلەپ بىرىدۇ .ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ شىركىتىگە دو چىقىپ قىمار ئوينىمايمىز .بىز سىتىۋالماقچى بولغان لاتارىيەدە دەل شۇلار پەرەز قىلغان ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى بار . بۇ يۇقاردىكى سانلىق مەلۇماتنى ئۆزىمىز ئۈچۈن توغرا خىزمەت قىلدۇرالىساقلا بولدى . ھەممە سانلىق مەلۇمات يۇقاردىكىدەك بولمايدۇ . بەزىدە مۇنداق كىلىپ قىلىشىىمۇ مومكىن، abئىككى كوماندا مۇسابىقىسىدە aكوماندىنىڭ ئۇتىشى 1.25 تەڭلىشىش 3.00 bكوماندىنىڭ ئۇتىشى 5.75 بولۇپ قالىدۇ . بىز يۇقادىكى سانلىق مەلۇماتقا قاراپ aكوماندىنىڭ ئۇتۇش ياكى تەڭلىشىش نىسبىتى يۇقىرىكەن دەپ بىلسەك بولىدۇ .
بىزنىڭ بۇ يازمىدا دىمەكچى بولغىنىمىزمۇ دەل شۇ گەپ ،14مەيدان لاتارىيەسىنى تاللاشتا ھەر بىر مەيدانغا نىسبەتەن ياۋرۇپا سانلىق مەلۇماتىنى تەمىنلەيدۇ . شۇنىڭغا ئاساسەن سىز توغرا پەرەز قىلالىسىڭىزلا مۇكاپاتلاندىڭىز دىگەن گەپ .
يەنە بىر گەپ بىز ھەرگىزمۇ ھەممىنى يۇقاردىكى ئۇسۇل ئارقىلىق پەرەز قىلىپ سىتىۋىلىڭ دىمەيمىز .
ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزمۇ ئانچە مۇنچە كاللا ئىشلىتىشىڭىز ،تەھلىل قىلىشڭىز كىرەك . بۇ توغرىسىدا بىلوگىمىزدا بىر پارچە ماقالە تەييارلانغان بولۇپ قىززىقسىڭىز دىققتىڭىز تۆۋەندىكى ماقالىدە بولسۇن .
پۇتبول لاتارىيىسىنى قانداق ئويناش كىرەك؟随机文章:
كۆپ تاللاش جەدىۋىلى چۈشەندۈرىلىشى 2008-06-26پۇتبول لاتارىيەسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە3 2008-06-24پۇتبول لاتارىيەسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە2 2008-06-23نىمە ئۈچۈن پۇتبول لاتارىيەسىنى تاللايمىز ؟ 2008-06-20پۇتبول لاتارىيەسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە 1 2008-06-18
收藏到:Del.icio.us