• ياۋرۇپا لوڭقىسىكى قىزىقارلىق نۇقتىلار

    خەتكۈچ:

    2008-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى بۈگۈن ئەتتىگەندە ئەڭ ئاخىرقى 4 كۈچلۈككە كىرگەن كوماندا بەلگىلەندى!
    گېرمانىيە2:3پورتۇگالىيە  
    گېرمان تانكىسى ئۈزۈمزارلىقنى ۋەيران قىلدى......  
    گېرمانىيە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە ئوخشىمىغان بىر خىل سەپ شەكلى بىلەن مەيدانغا چىقىپ پۈتۈن پورتۇگالنى تۈنجۇقتىرىۋەتتى.....سىكىلارى يىپى ئۈزۈلگەن موزايدەك نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى!
    بۇ مەيداندا ھاردىم-تالدىم دىمەي،جىنىنى تىكىپ قويغان بىرلا چولپان مەيداندىكى ۋە مەيدان تېشىدىكى بارلىق مەستانىلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئورۇن ئالدى.ئۇ بولسىمۇ --گېموس!دىققەت قىلغان بولساڭلار، مۇسابىقە مۇسابىقە باشلىنىپ قانچە مىنوت بولغانكىن(پورتۇگالىيە 2 توپ ئاقىدا ئىدى..)پورتۇگالىيە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى، ئالدى مەيداندا رونالدو،گېموس،دىكولار بارئىدى.دىكونىڭ پۇتىدىن لام توپنى تارتىۋېلىپ گېرمانىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ماڭدى.....رونالدو دىكونىڭ پاس بەرمىگەنلىكىدىن كايىپ كەتتى،دىكو بولسا نىمىلەرنى دىدىكىن بىرنىمىلەرنى كايىپ جايىدا تۇرۇپ قالدى...بۇچاغدا گېموس ھىچنىمە دىمەستىن دەرھاللا  ئارقىغا بۇرۇلۇپ توپنى قوغلىدى..................(بۇ كۆرۈنۈش ماڭا بەك تەسىر قىلدى)بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن كىيىن پورتۇگالىيە ئالتون دەۋرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يۇلتۇزى گېموس نى ئۇزۇتۇپ قويدۇق،خەيىر!
    پورتۇگالىيە شۇنداق قىلىپ بۇ قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تارتتى........
    گېرمانىيە شىۋىستەيگىنىڭ چىرايلىق تەشكىللىشى ئارقىسىدا،<<ياۋرۇپادىكى بىرازىلىيە>>دەپ ئاتىلىدىغان پورتۇگالنى شاللىدى....
    بۇ مەيداندا پورتۇگالىيەگە 7 نومۇر،گېرمانىيەگە 9نومۇر(بۇنىڭ ھەممىسى شىۋىستەيگىنىڭ تۆھپىسى دىسەك قىلچە ئارتۇق كەتمەس)

    تۈركىيە1:1كىرودىيە(3:1 نۇقتا توپ)
    ئىگەمنىڭ بۇيرۇقىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ!
    تۈركىيە مۆجىزە يارىتىشقا بەك ئۇستا،دەيدۇ خەن مىللىتى....مەن ئويلايمەن بۇ پەقەت ئۇلۇغ ئىگەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى!
    119مىنوت بولغاندا رۇستۇ رەھبەرنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى تۈركىيە1:0 ئارقىدا قالدى....پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىيە مەستانىلىرى بۇ ئەجەللىك توپ بولدى،ئۇتتۇردۇق..دەپ مەيۈسلىنىپ كەتتى!بۇ چاغدا 4-رىپىر 1مىنوت قوشۇپ بېرىشى ئىگەمنىڭ بۇيرۇقى بولدى.دەل مۇشۇ بىر مىنوت توشۇشقا 8سىكونىت قالغاندا تۈركىيە بىر توپ سالدى.......پۈتۈن يەرشارىدىكى كىرودىيە مەستانىلىرىنىڭ زۇۋانى بېسىقتى،تېرنىر بېلىچ مايمۇندەك ئۇياقتىن-بۇياققا سەكرەپ ئادىللىق ئىزدىدى...ئەپسۇس.....
    رۇستۇ رەھبەر خاتالىقىنى يۇيدى.....كىرودىيە ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋېتىپ يىقىلىپ كەتتى.....مانا تۈرۈك ئەزىمەتلىرى تارىخ ياراتتى!

    روسيە1:3گوللاندىيە
    گوللاندىيە باتارىيىسىدە توك قالماپتۇ!
    3:0،4:1 ئارقا-ئارقىدىن 2006-يىللىق دۇنيا چىمپىيونى بىلەن دۇنيا كۈمۈش مىدالىغا ئېرىشكەن ئىتالىيە بىلەن فىرانسىيىنى قاتلاپ ياسىغاندا پۈتۈن دۇنيا ئۇلارغا باشقىچە كۆز بىلەن قاراشتى،بارلىق كوماندىلار ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالماسلىقنى ئويلىدى.....ئۇلارنىڭ چاقماقتەك ھۇجۇملىرى پۇتۇن دۇنيا خەلقىنى چۆچۈتكەن....بۇ چاقمەقتەك ھوجۇمنىڭ توكى قالمىغانمۇ-قانداق؟
    بۇ چاغدا پەقەت ھىندىكلا بۇ گوللاندىيىدىن قورقمىدى،تېخى يەنە ئۆزىدىن خېلىلا كىچىك بولغان ۋان باستىنغا تېرنىرلىقنى قانداق قىلىش توغرىلىق دەرىس ئۆتۈپ قويدى.
    ئۇنىڭ بۇ مەيداندىكى ئەزا ئورۇنلاشتۇرۇش،مەيدان ئەھۋالىغا قاراپ ئەزا ئورۇنلاشتۇرۇش،مەيداننى كونتىرول قىلىش......تاكتىكىلىرى ئۇنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ تېرنىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
    بۇ مەيداندا كۆزگە كۆرۈنگەن چولپان-ئارشىۋىن!ھىندىك ئۇنى ياۋرۇپا لوڭقىسىغا بىللە ئېلىپ كەلگەندە،ئارشىۋىننىڭ ئۈستىدە تېخى ئىككى مەيدان توختاش جازاسى بار ئىدى....باشقىلار روسيە گۇرۇپپىدىلا ئۆيگە قايتىدۇ،بۇ ئىككى مەيدان توختاش جازاسى بار ئەزاسىنى ئېلىپ نىمە قىلار؟ دەپ ھىندىكنىڭ ئادەم تاللاش ئىقتىدارىدىن گۇمانلانغان ھەم ئۇنى ئەيىبلىگەن!بۇ مەيدان ھىندىكنىڭ ئۇنى بىللە ئەكەلگەنلىكىنىڭ تۇغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان!
    روسيە10نومۇر،گوللاندىيە7نومۇر

     ئىسپانىيە0:0ئىتالىيە(نوقتا توپ 4:2)
    ئىسپانىيە بۇقىسى ئىتالىيە قىڭغىر مۇنارىنى ئۆرىۋەتتى!
    ئىتالىيەنىڭ چوڭ مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسى <<ئىتالىيە قىڭغىر مۇنارى>>غا بەك ئوخشايدۇ...ئۇلار چوڭ مۇسابىقىلەردە ئاستا قىزىيدۇ.سەل مۇكەممەل دىسەك،گۇرۇپپىدىن تەستە چىقىدۇ،گۇرۇپپىدىن چىقىۋىلىپ ۋەھشىلىشىپ كېتىدۇ.......
    بۇ بۇقىلارغا خېلى بۇلاپتىكەن ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ 4 كۈچلۈكلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئىلىپ باقمىغىلى....بۈگۈن مانا بۇ شەرەپكە ئىگە بولدى...بۇ چاغدا كاسىلىياسنى ئۇنتۇپ قالساق بولماس!
    ئىتالىيە8نومۇر،ئىسپانىيە9نومۇر

    تۈركىيە گېرمان تانكىسىنى ۋەيران قىلىۋىتەرمۇ؟
    قايتا تۇتۇشقان ئىسپانىيە بۇقىسىغا ھىندىك يەنە قانداق ھىيلە-مىكىر ئويلىغاندۇ؟

    بۇلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق بىلىگومىزدا بولسۇن.......


    收藏到:Del.icio.us