• پۇتبول لاتارىيەسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە3 - [لاتارىيە ماھارەتلىرى]


    4مەيداندىكى كىرگەن توپنى پەرەز قىلىش
    1.ئويناش ئۇسۇلى-«4مەيدان كىرگەن توپ»لاتارىيە مەركىزى بىكىتىپ بەرگەن 4مەيدان مۇسابىقىنى پەرەز قىلىش ئوبىكتى قىلىپ ، 4مەيدان 8كوماندا ھەر بىرىنىڭ 90مىنۇت پۈتۈن مەيداندىكى ئىككى تەرەپنىڭ كىرگەن توپ سانى(3+،0،1،2،) نى پەرەز قىلىمىز .ئەگەر شۇ بىر قاراردا بىرلا خىل پەرەز بويىچە سىتىۋالسا تاق تاللاش بولىدۇ ،2ياكى 2دى كۆپ پەرەزگە ئاساسەن تاللىسا كۆپ تاللاش بولىدۇ .
    لاتارىيە سىتىۋالغاندا ھەسسىلەپ سىتىۋىلىشقا بولىدۇ ،ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 99ھەسسسە سىتىۋىلىشقا بولىدۇ.
    لاتارىيەنى ھەرقايسى ئۆلكە .شەھەرلەردىكى پۇتبول لاتارىيەسى سىتىش ئورۇنلىرىدىن سىتىۋالسا بولىدۇ .
    «4مەيدان كىرگەن توپ» تۈرىدىكى لاتارىيەنىڭ ھەر بىسى 2يۇەن . يۈتۈپ كەتسە تولۇقلاپ بىرىلمەيدۇ ،ئوبدان ساقلاش لازىم .
    2.مۇكاپات بىكىتىلمىسى - «4مەيدان كىرگەن توپ»تۈرىگە پەقەت 1-دەرىجىلا بىكىتىلگەن.
    1-دەرىجىگە شۇ قىتىمقى مۇكاپاتكا بۆلۈنگەن سوممىنىڭ 100% ۋە ئالدىنقى قىتىم قالغان قىسىمدىن يۆتكەپ كىلىنگەن مۇكاپات سوممىسى بۆلىنىپ بىرىلىدۇ.
    1-دەرىجە مۇكاپات سوممىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىكى 5مىلىيون (يۆەن).
    3.مۇكاپات سوممىسى باشقۇرۇلىشى -« 4مەيدان كىرگەن توپ»تۈرىگە، قايتىلما مۇكاپات سوممىسى، شۇ قىتىمقى سىتىلىش سوممىسىنىڭ 65%. بۇنىڭ ئىچىدە مۇكاپاتقا بۆلۈنگەن سومما64%، قالغان 1% تەڭشەلمە قىسمىغا بۆلىنىدۇ.
    4.مۇكاپات چىقىش-لاتارىيە سىتىۋالغۇچىنىڭ 4مەيدان 8كوماندىنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانىنى پەرەزقىلغىنى  ئەمىلىئې نەتىجە بىلەن ئوخشاش بولسا 1-دەرىجىگە ئىرىشكەن بولىدۇ.
    5.مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش-- ھەر قىتىملىق مۇكاپات 28كۈنگىچە كۈچكە ئىگە ،28كۈن ئىچىدە چوقۇم مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرىۋىلىش كىرەك ،بولمىسا ۋاز كەچكەن قاتاردا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
    مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە ،ھەرقايسى رايۇندىكى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئورۇنىغا ،ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋەتلىك كىملىكىڭىزنى ،ھەم مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىك ئىسپاتىڭىزنى (توغرا چىققان لاتارىيەنى) ئىلىپ بىرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرىسىز .
    ----
     تىما يارىغان بولسا تىمىنىڭ ماۋزۇسى ئاستىدىكى ئىلاننى بىرقىتم چىكىۋىتىڭ .رەخمەت!
     
     

     

     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us