-
تۈركىيە=مۆجىزە - [مۇسابىقە كۆرۈنۈشلىرى]
ئالدى بىلەن تۈرۈكلەرنىڭ پۇتبولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەپكەنلىكىدىن خۇشالمەن .
ھازىىر ماڭا تۈركىيەنىڭ مۇسابىقىسى باركەن دىسە مۆجىزە دىگەندەكلا ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى .پۇتبولنىڭ مۆجىزلىك خاراكتىرى ،سىھرى كۈچىنى تۈركىيە كوماندىسى قايتا بىر قىتىم تونۇتتى .
بۈگۈن كەچ تۈركىيە كوماندىسى بىلەن كىرودىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى 4كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى . مۇسابىقىدىكى ئىككىلى كوماندا ياۋرۇپا لوڭقىسىدا قارا تۇلپار دەپ تەرىپلىنىۋاتقان كوماندىلار ، تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ئەھۋالى چاتاق بولۇپ ،ئوتتۇرا بىكتىن ئىككىسى يارىلانغان ئوتتۇرا مەيداندىنمۇ يارىلانغانلار كۆپ ، تۈركىيە كوماندىسىدىن يارىلانغانلارنىڭ سانى 6-7بولۇپ ،ئۇلار ھەقىقى كۈچىنى كۆرسىتىشكە ئاجىزلىق قىلاتتى ، تۈركىيە مەستانىسى بولغان بىزنىڭمۇ يۈرىكىمىز دەككە -دۈككىدە مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىپ كەتتۇق ، 90مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە بىرەر توپ كىرىمىدى ، قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتىكى مۇسابىقە باشلاندى ،ھەممىنىڭ يۈرىكى دەككە دۈككىدە ئىچىمىزدە تۈركىيە كوماندىسىغا مەدەت تىلەيمىز ،قوشۇپ بىرىلگەن مۇسابىقىنىڭ بىرىنجى مەيدانى ئاخىرلاشتى نەتىجە يەنىلا 0:0كىيىنكى مەيدانغا كىردۇق ،ھەممىزنىڭ كۆڭلىدە بىر مەيدان ئادەمنى يۈرەك كىسىلى قىلىدىغان نوقتا توپ جىڭىلا بار ئىدى ،مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى ، نوقتا توپ جىڭىگە پەقەت 2مىنۇتلا قالغان ئىدى ، غەيرەت قىل تۈركىيە ،ئاپلا كاساپەت مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇت قالغان كىرودىيە كوماندىسى تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ئارقا سەپ قالايمىقانلىقىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزدى ، ھەممىمىزنىڭ ئمۈدى ئۈزۈلدى ،لىكىن مەيداندىكى تۈغرۈك ئەزىمەتلىرى مۇسابىقە رېپىرنىڭ پۈشتىكى چىلىنغاندا ئاخىرلىشىدۇ دەۋاتاتتى ، راس مۇسابىقە پۇشتەك چىلىنغاندا ئاخىرلىشىدىكەن ، مۇسابىقە توشۇشقا نەچچە سىكۇنۇت قالغاندا ،كىرودىيە كوماندىسى تۇونى ئۇرۇپ بىر مىنۇتمۇ ئۆتمەستە تۈركىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزدى ، بۇ خۇشاللىقنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز ، بىر توپ خەنزۇلار ئولتۇرغان تورخانىدا ياشا تۈركىيە دەپ توۋلىۋەتكىنىمنىمۇ بىلمەي قالدىم ھەممىسى قاراپ كەتتى ، ياشا تۈركىيە ،ياشاپ كەت تۈرۈك ئەزىمەتلىرى .
ھەممىنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدىغان نوقتا توپ جىڭى باشلاندى ، رەھمەت كىرودىيەنىڭ 14نۇمۇرلۇق ماھىرى تۇنجى توپتا بىزنى خاتىرجەم قىلدىڭ . مودىلىنىۋىچ تۇنجى توپنى سىرتقا تىپىۋەتتى ، تۈركىيە مەستانىلىرىنىڭ غەلبىگە بولغان ئىشەنچى بارغانسىرى ئاشماقتا ئىدى . تۈركىيە كوماندىسىدىن ئادار تۇلان توپنى كىرگۈزدى ،كىرودىيە ماھىرىمۇ كىرگۈزدى ، كىرودىيە تەرەپتىن ئۈچۈنجى قىتىم نوقتا تەپكەن توپچىمۇ توپنى سىرتقا چىقىرىۋەتتى ، نوقتا توپ نەتىجىسى 3:1ئىدى ، رۇستۇ پەقەت بىر توپنى تۇتىۋالسىلا غەلبە بىزنىڭ ،بىز تۈرۈكلەرنىڭ ، ياشا روستۇ كىرودىيەنىڭ 4-توپنى روستۇ تۇتىۋالدى ، غەلبە قىلدۇق .ياۋرۇپا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى تۆت كۈچلۈككە كىردۇق .
شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى مۇسابىقە تۈرۈكلەرنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى .تۆۋەندە بىر قىسىم نادىر سۈرەتلەر ھۇزۇرۇڭلاردا ~~~~~~~
[img]http://i1.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U1639P6T12D3737820F44DT20080621053116.jpg[/img][img]http://i2.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U2755P6T12D3737819F44DT20080621052554.jpg[/img]
[img]http://i1.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U1639P6T12D3737815F44DT20080621052225.jpg[/img]
[img]http://i2.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U1639P6T12D3737812F44DT20080621052027.jpg[/img]
[img]http://i0.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U1639P6T12D3737799F44DT20080621050623.jpg[/img]
[img]http://i2.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U1639P6T12D3737796F44DT20080621050242.jpg[/img]
[img]http://i0.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U1639P6T12D3737792F44DT20080621045356.jpg[/img]
[img]http://i3.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U1639P6T12D3737781F44DT20080621044907.jpg[/img]
[img]http://i1.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U1639P6T12D3737762F44DT20080621043211.jpg[/img]
[img]http://i1.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U2755P6T12D3737708F44DT20080621040128.jpg[/img][img]http://i1.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U2755P6T12D3737670F44DT20080621034028.jpg[/img]
[img]http://i0.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U1639P6T12D3737577F44DT20080621030700.jpg[/img]
قىزغىن توپ مەستانىلىرى
[img]http://i1.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U2755P6T12D3737570F44DT20080621025456.jpg[/img]
[img]http://i3.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U2755P6T12D3737560F44DT20080621025420.jpg[/img]
[img]http://i2.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U2755P6T12D3737556F44DT20080621024531.jpg[/img]
[img]http://i1.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U2755P6T12D3737513F44DT20080621020515.jpg[/img]
[img]http://i2.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U2755P6T12D3737505F44DT20080621020430.jpg[/img]
[img]http://i0.sinaimg.cn/ty/euro2008/g/p/2008-06-21/U2755P6T12D3737509F44DT20080621020449.jpg[/img]
شاپۇرنىڭ ياۋرۇپا لوڭقىسىدىن بەرگەن كىچىلىك خەۋىرى مۇشۇيەردە تامام .
ھەممىڭلارنى پىقىرنىڭ غىرىپ كۆلبىسىگە تەكلىپ قىلىمەن ، بۇ كىچىدىكى خوش خەۋەر ئۈچۈن ھەقاچان دىمىسەممۇ ئىلاننى چىكىۋىتىسىلەر ~~~~~~[url=http://qutyar.blogbus.com/]قۇتيار بىلوگى[/url]
随机文章:
ياشا تۈركىيە!مانا بۇ پۇتبول 2008-06-16شىۋىتسىيەvsتۈركىيە 2008-06-12چىخvsپورتۇگالىيە "پۈتۈن مەيدان" 2008-06-12گىرىتسىيەvsشىۋىتسىيە"پۈتۈن مەيدان" 2008-06-11
收藏到:Del.icio.us
评论